top of page

يايلاقتىكى ھايات ئەپسانىلىرى


باھاردىكى تۇمانلىق يايلاق، ساپ ھاۋا، گۈزەل مەنزىرە، كۆپكۈك ئاسمان، كەچكى شەپەقنىڭ نۇرىغا چۆمگەن جەلپكار ۋۇمىڭ يايلىقىدىكى ئىككى كۈنلۈك مۇزىكا بايرىمىدا ھايات ئەپسانىسى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ مىللەت ھالقىغان جەزبىدار مۇزىكا ساداسى پەلەكنى لەرزىگە كەلتۈردى. ئاسمان، زېمىن، ھەتتا يايلاق ۋە كائىناتتىكى بارچە مەۋجۇدات بۇ ساداغا جۆر بولدى.

بۇ قېتىملىق ۋۇمىڭ يايلىقى مۇزىكا بايرىمىغا قاتنىشىش بولسا ھايات ئەپسانىسى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك مەرىكىدە نۇمۇر ئورۇنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھايات ئەپسانىلىرى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ناھايىتى تېزلا نەق مەيداندىكى جاي- جايلاردىن كەلگەن مۇزىكا مەستانىلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار «يايلاق خەلقى سىلەرنى قوللايدۇ» دەپ توۋلاشتى. تۇۋالارنىڭ ئات باشلىق غېجىكى، خۇمرا ۋە ۋيېتنامنىڭ خەلق مۇزىكىسى ياڭرىغاندا، ساياھەتچىلەر روھىي جەھەتتىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مىللەتلىرى بىلەن شىمالىي ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ يايلاقتىكى ھېسىيات ئالماشتۇرۇشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. مانا بۇ دەل «ھايات ئەپسانىلىرى مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىدۇر. بۇلارنىڭ كۈيىدە سىز ئىستىگەن ھەم ئىتىلگەن مەدەنىيەتلەر جەملەنگەن. 6

ئەندى لىگىل چالماقتا

ئەندى تۇۋاچە ناخشا ئورۇنلىماقتا

پەيزۇللا باس چېلىۋاتىدۇ

جان گۇيەن ۋېيتنامچە ناخشا ئېيتماقتا

ئەندى باۋۇر غېجىكى چېلىۋاتىدۇ

ناخشىچى ياسىن نۇمۇر ئورۇنلىماقتا

بىپايان ۋۇمىڭ يايلىقىدا، ھايات ئەپسانىلىرى مۇزىكا ئەترىتى ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن گۈزەل كۈيلەرنى ئورۇنلاپ، باشتىن – ئاخىر تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلدى. ھايات ئەپسانىلىرى ئەترىتىنىڭ بۇ مۇزىكىلىرى يايلاقتىكى ھەربىر ساياھەتچىنىڭ قەلبىگە يېڭى بىر سەھىپىلەرنى يازدى. نەق مەيداندا تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىراتلارغا ئىگە بولسىز. ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشتىن ئۇلارنىڭ ۋۇمىڭ يايلىقىدا ئورۇنلىغان گۈزەل ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ ھوزۇرلانغايسىزلەر

Featured Posts
Recent Posts
Archive
Search By Tags
Follow Us
  • Facebook Basic Square
  • Twitter Basic Square
  • Google+ Basic Square
Join Our Mailing List

Thanks for joining our mailing list!

© & ℗ 2015 - 2023 Intarsia Transcultural Arts, a Division of Intarsia Media & Productions. 

  • Facebook Social Icon
  • SoundCloud Social Icon
  • YouTube Social  Icon
  • Vimeo Social Icon
  • Vkontakte Social Icon
  • Twitter Social Icon
  • weibo1600
  • Screen Shot 2017-10-07 at 11.54.20 AM
  • Screen Shot 2017-10-07 at 11.53.49 AM
  • Instagram Social Icon

© & ℗ 2015 - 2023 Intarsia Transcultural Arts, a Division of Intarsia Media & Productions. / Distributed by Intarsia Transethnic Arts, a Division of Intarsia Media & Productions. 937 ¼ North Ardmore Drive, Los Angeles, CA 90029-0061 / “Intarsia” and corresponding logo (on right) Reg. U.S. Pat. & Tm. Off. Marca Registrada. All Rights Reserved. Unauthorized duplication is a violation of applicable laws. FBI Anti-Piracy Warning: Unauthorized copying is punishable under federal law.

bottom of page